Return to Video

Unbroken - Motivational Video

  • 0:00 - 0:02
    سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نۇقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز
  • 0:02 - 0:04
    پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز
  • 0:07 - 0:11
    شۇڭا ھاياتىڭىزدىكى پارچە-پارچە كارتىنىلارنىڭ كەلگۈسىدە ھامان بىر-بىرىگە
    كىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك
  • 0:11 - 0:12
    سىز چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك
  • 0:12 - 0:16
    پەرۋەردىگارغا، تەقدىرگە، ھاياتلىققا، ياخشىلىق-يامانلىققا ياكى باشقا نېمە بولسۇن
    چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك
  • 0:16 - 0:19
    چۈنكى، ھاياتىڭىزدىكى پارچە كارتىنىلارنىڭ كېيىن ئۆز-ئارا بىرىكىدىغانلىقىغا ئىشىنىش
  • 0:19 - 0:21
    سىزگە ئۆز يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سالىدىغان ئىشەنچنى ئاتا قىلىدۇ
  • 0:21 - 0:25
    ھەتتا سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق يولدىن ئايرىلىپ قالسىڭىزمۇ شۇنداق قىلىڭ
  • 0:25 - 0:29
    دەل ئاشۇ ئىشەنچ بارلىق پەرقنى پەيدا قىلىدۇ
  • 0:29 - 0:31
    ۋاقتىڭىز بەكلا چەكلىك
  • 0:31 - 0:34
    شۇڭا، ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ھاياتىدا ياشاش بىلەن ئىسراپ قىلماڭ
  • 0:34 - 0:36
    دوگما ئىدىيەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ
  • 0:36 - 0:40
    باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئەگىشىش بىلەن ياشىماڭ
  • 0:40 - 0:44
    باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى چۈمكەپ قويماڭ
  • 0:44 - 0:46
    ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئىزدەپ تېپىڭ
  • 0:46 - 0:50
    خىزمەت، كەلگۈسى ھەمراھنىمۇ شۇنداق روھتا ئىزدەپ تېپىڭ
  • 0:50 - 0:53
    خىزمىتىڭىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ
  • 0:53 - 0:55
    ئۆزىڭىز قالتىس دەپ قارايدىغان خىزمەتنى قىلغاندىلا
  • 0:55 - 0:57
    ئاندىن خىزمەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز
  • 0:57 - 1:00
    خىزمەتنى قالتىس قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شۇكى
  • 1:00 - 1:03
    قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈش
  • 1:03 - 1:04
    ئەگەر سىز تېخى ئۇ خىزمەتنى تاپمىغان بولسىڭىز
  • 1:04 - 1:06
    داۋاملىق ئىزدەڭ
  • 1:06 - 1:08
    توختاپ قالماڭ
  • 1:08 - 1:10
    ئۆزىڭىزنىڭ سېزىمى ۋە خاھىشىڭىزغا قۇلاق سالغۇدەك جاسارىتىڭىز بولسۇن
  • 1:10 - 1:12
    ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە سىزنىڭ كىم بولۇشنى
  • 1:12 - 1:15
    خالايدىغانلىقىڭىزنى ئاللىقاچان بىلگەن بولىدۇ
  • 1:16 - 1:21
    يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ شۇنداقلا تۆۋەنگەن چۈشىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدۇ
  • 1:21 - 1:23
    كۆپىنچە ئادەملەر ئۆزىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ
  • 1:23 - 1:26
    ئىنسان روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • 1:26 - 1:31
    ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئەمەس. ئىنسان روھىنى ئۆلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن
  • 1:31 - 1:36
    سالامەتلىكى ياخشى بولسا، مائاشىنى ۋاقتىدا ئالسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى
    كۆڭۈلدىكىدەك بولسا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ
  • 1:36 - 1:38
    بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئادەم ئاكتىپ ھالەتتە بولالايدۇ
  • 1:38 - 1:41
    ھەرقانداق ئادەم كەڭ دائىرىدە پىكىر قىلالايدۇ
  • 1:41 - 1:44
    بۇنداق شارائىتتا ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولىدۇ
  • 1:49 - 1:51
    ھەقىقىي مەنىدىكى روھىي، ھېسسىي
  • 1:51 - 1:53
    ۋە ئىشەنچىڭىزگە بولغان رىقابەت كۈچى
  • 1:53 - 1:57
    سىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئاندىن كېلىدۇ
  • 1:57 - 2:01
    ھەرىكەت قوللىنىش جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ
  • 2:01 - 2:04
    مەغلۇب بولغان ۋاقتىڭىزدا موھتاجلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىسىز
  • 2:04 - 2:07
    قايتىدىن ئىش باشلاش ئۈچۈن
  • 2:07 - 2:10
    جۈرئىتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ
  • 2:18 - 2:21
    قورقۇش غايىنى ئۆلتۈرىدۇ
  • 2:21 - 2:24
    قورقۇش ئارزۇنى ئۆلتۈرىدۇ
  • 2:24 - 2:25
    قورقۇش
  • 2:25 - 2:28
    كىشىلەرنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزىدۇ
  • 2:28 - 2:30
    قورقۇش سىزنى قېرىتىۋېتەلەيدۇ
  • 2:30 - 2:34
    ئۆزىڭىز قىلالايمەن دەپ قارايدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىشتىن سىزنى چەكلەپ قويالايدۇ
  • 2:34 - 2:37
    ئاخىرى سىزنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ
  • 2:44 - 2:47
    تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە ھېچنىمە يوق
  • 2:47 - 2:50
    بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ
  • 2:50 - 2:54
    ئاشۇ كىچىككىنە تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە بەلكىم پۈتۈنلەي ھېچنىمە يوق بولۇشىمۇ ناتايىن
  • 2:54 - 2:58
    بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى چوقۇم بولىدۇ
  • 2:58 - 2:59
    ھەم شۇنداقلا بىر قىسمىڭلارنىڭ ھاياتىڭلاردا
  • 2:59 - 3:04
    نىشانىڭلارغا يېتەلمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي ئۆزەڭلارنىڭ تۇيغۇسىغا
    ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن بولىدۇ
  • 3:04 - 3:09
    ھەممىسى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇدىن ئويغىنىۋاتقاندەك
    تۇيغۇدا بولمامسىز، كىم شۇنداق ئەمەس؟
  • 3:09 - 3:12
    ھەر كۈنى غايىلىرىڭىزگە «ياق» دەپ ئۆتىسىز
  • 3:12 - 3:15
    بەلكىم غايىلىرىڭىزنى ئالتە ئاي رەت قىلىپ باقارسىز، ياكى بىر يىل شۇنداق قىلارسىز
  • 3:15 - 3:22
    .ئاشۇ كۈنى، دەل ئاشۇ بىر كۈنى سىز ئورنىڭىزدىن تۇرمىدىڭىز. يوتقان-كۆرپىلىرىڭىزنى ئىتتىرىۋەتسىڭىز بولاتتى. قانچىلىك ۋاقىت شۇنداق ياتتىڭىز بىلمەيمەن
  • 3:24 - 3:27
    ھېسسىياتىڭىزنىڭ سىزنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول قويماڭ
  • 3:27 - 3:32
    بىز ھېسسىياتچان، ئەمما ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرۇش بىلەن ئىش باشلاڭ
  • 3:32 - 3:37
    ئەگەر ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرمىسىڭىز ۋە كونترول قىلمىسىڭىز ئۇ سىزنى كونترول قىلىدۇ
  • 3:43 - 3:44
    ئۇنى كونترول قىلغۇڭىز بار
  • 3:44 - 3:47
    ئۇنداقتا دەرھال ئىش باشلاپ كونتروللۇقنى قولىڭىزغا ئېلىڭ
  • 3:47 - 3:51
    ئۇنداق قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۆزگىرىشنى خالايسىز ئەمما ئۇنداق ئاسان ئەمەس
  • 3:51 - 3:53
    ناۋادا شۇنچە ئاسان بولىدىغان بولسا، ھەممە ئادەم شۇنداق قىلغان بولاتتى
  • 3:53 - 3:56
    بىراق ئەستايىدىل بولسىڭىز، ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز
  • 4:01 - 4:03
    بۇ يەردە مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ
  • 4:03 - 4:08
    مەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىغا يول قويمايمەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويمايمەن
  • 4:08 - 4:10
    مەن قايتىپ كېلىمەن
  • 4:10 - 4:13
    شۇنداقلا بىر قېتىم مەغلۇب بولغانلىقىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمەن
  • 4:13 - 4:16
    چوقۇم مۇشۇنداق خىتاب قىلىشىڭىز كېرەك
  • 4:16 - 4:18
    ھەم مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك
  • 4:18 - 4:23
    .سىز ئارزۇلىرىڭىزنى قوغداۋاتىسىز، تىنچلىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز شۇنداقلا سىز ساغلاملىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز
  • 4:23 - 4:26
    ھاياتىڭىزغا تولۇق مەسئۇل بولۇڭ
  • 4:26 - 4:32
    ئۆزىڭىزنىڭ نەدىلىكىڭىزنى ۋە قەيەردە نېمە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ
  • 4:34 - 4:39
    ھەربىر كۈنىڭىزنى گويا ئەڭ ئاخىرقى كۈنىڭىزنى ياشاۋاتقاندەك ياشايمەن دېگەن تۇيغۇدا تۇرۇپ قارار قىلسىڭىز بولىدۇ
  • 4:39 - 4:44
    ھاياتىڭىزنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈڭ
  • 4:44 - 4:47
    ئىنتىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈڭ
  • 4:47 - 4:50
    ئۆزەمنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىمەن دېگەن قارارغا كېلىڭ
  • 4:50 - 4:53
    ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى قىسسىسى تېخى يېزىلمىدى
  • 4:53 - 4:56
    شۇنداقلا ئۆتمۈشىڭىزدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىمۇ مۇھىم ئەمەس
  • 4:56 - 5:00
    سىزگە نېمە بولغىنىمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى: سىز ئۇ ئىشنى ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
  • 5:04 - 5:08
    بۇ يىل مەن بۇ نىشاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن
  • 5:08 - 5:10
    نىشانىم توغرىلىق ئەمدى جىق سۆزلىمەيمەن
  • 5:10 - 5:12
    مەن قىلالايمەن
  • 5:12 - 5:13
    مەن قىلالايمەن
  • 5:13 - 5:15
    مەن قىلالايمەن
  • 5:35 - 5:40
    مېنىڭچە ئىزچىللىق ھەممەيلەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
  • 5:40 - 5:42
    ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ، ھەرگىز باش ئەگمەڭ
  • 5:42 - 5:45
    ھەممە ئىشلارنىڭ ھامان بىر جاۋابى بولىدۇ
Title:
Unbroken - Motivational Video
Description:

Facebook: http://on.fb.me/R8jxxV
Instagram: http://bit.ly/1fjzPrZ
SoundCloud: http://bit.ly/Mon20y
Twitter: http://bit.ly/1nNEv30

Donate:
https://www.paypal.com/cgi-bin/webscr?cmd=_donations&business=a_miroslaw%40interia%2epl&lc=GB&item_name=Mateusz%20M&no_note=0&currency_code=USD&bn=PP%2dDonationsBF%3abtn_donate_LG%2egif%3aNonHostedGuest

Speakers:
Les Brown: https://www.facebook.com/Brown.Les,
Eric Thomas: http://www.youtube.com/user/etthehiphoppreacher
Steve Jobs,Louis Zamperini

Movies: Jobs, Her
Music: Confidential Music - Archangel, Unashamed
http://confidentialmusic.com/

more » « less
Video Language:
English, British
Duration:
05:58

Uyghur subtitles

Revisions