سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نۇقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز شۇڭا ھاياتىڭىزدىكى پارچە-پارچە كارتىنىلارنىڭ كەلگۈسىدە ھامان بىر-بىرىگە كىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك سىز چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك پەرۋەردىگارغا، تەقدىرگە، ھاياتلىققا، ياخشىلىق-يامانلىققا ياكى باشقا نېمە بولسۇن چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك چۈنكى، ھاياتىڭىزدىكى پارچە كارتىنىلارنىڭ كېيىن ئۆز-ئارا بىرىكىدىغانلىقىغا ئىشىنىش سىزگە ئۆز يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سالىدىغان ئىشەنچنى ئاتا قىلىدۇ ھەتتا سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق يولدىن ئايرىلىپ قالسىڭىزمۇ شۇنداق قىلىڭ دەل ئاشۇ ئىشەنچ بارلىق پەرقنى پەيدا قىلىدۇ ۋاقتىڭىز بەكلا چەكلىك شۇڭا، ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ھاياتىدا ياشاش بىلەن ئىسراپ قىلماڭ دوگما ئىدىيەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئەگىشىش بىلەن ياشىماڭ باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى چۈمكەپ قويماڭ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئىزدەپ تېپىڭ خىزمەت، كەلگۈسى ھەمراھنىمۇ شۇنداق روھتا ئىزدەپ تېپىڭ خىزمىتىڭىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ ئۆزىڭىز قالتىس دەپ قارايدىغان خىزمەتنى قىلغاندىلا ئاندىن خىزمەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز خىزمەتنى قالتىس قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شۇكى قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈش ئەگەر سىز تېخى ئۇ خىزمەتنى تاپمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ توختاپ قالماڭ ئۆزىڭىزنىڭ سېزىمى ۋە خاھىشىڭىزغا قۇلاق سالغۇدەك جاسارىتىڭىز بولسۇن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە سىزنىڭ كىم بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئاللىقاچان بىلگەن بولىدۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ شۇنداقلا تۆۋەنگەن چۈشىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدۇ كۆپىنچە ئادەملەر ئۆزىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ ئىنسان روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئەمەس. ئىنسان روھىنى ئۆلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن سالامەتلىكى ياخشى بولسا، مائاشىنى ۋاقتىدا ئالسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولسا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئادەم ئاكتىپ ھالەتتە بولالايدۇ ھەرقانداق ئادەم كەڭ دائىرىدە پىكىر قىلالايدۇ بۇنداق شارائىتتا ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولىدۇ ھەقىقىي مەنىدىكى روھىي، ھېسسىي ۋە ئىشەنچىڭىزگە بولغان رىقابەت كۈچى سىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئاندىن كېلىدۇ ھەرىكەت قوللىنىش جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ مەغلۇب بولغان ۋاقتىڭىزدا موھتاجلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىسىز قايتىدىن ئىش باشلاش ئۈچۈن جۈرئىتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ قورقۇش غايىنى ئۆلتۈرىدۇ قورقۇش ئارزۇنى ئۆلتۈرىدۇ قورقۇش كىشىلەرنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزىدۇ قورقۇش سىزنى قېرىتىۋېتەلەيدۇ ئۆزىڭىز قىلالايمەن دەپ قارايدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىشتىن سىزنى چەكلەپ قويالايدۇ ئاخىرى سىزنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە ھېچنىمە يوق بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ ئاشۇ كىچىككىنە تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە بەلكىم پۈتۈنلەي ھېچنىمە يوق بولۇشىمۇ ناتايىن بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى چوقۇم بولىدۇ ھەم شۇنداقلا بىر قىسمىڭلارنىڭ ھاياتىڭلاردا نىشانىڭلارغا يېتەلمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي ئۆزەڭلارنىڭ تۇيغۇسىغا ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن بولىدۇ ھەممىسى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇدىن ئويغىنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولمامسىز، كىم شۇنداق ئەمەس؟ ھەر كۈنى غايىلىرىڭىزگە «ياق» دەپ ئۆتىسىز بەلكىم غايىلىرىڭىزنى ئالتە ئاي رەت قىلىپ باقارسىز، ياكى بىر يىل شۇنداق قىلارسىز .ئاشۇ كۈنى، دەل ئاشۇ بىر كۈنى سىز ئورنىڭىزدىن تۇرمىدىڭىز. يوتقان-كۆرپىلىرىڭىزنى ئىتتىرىۋەتسىڭىز بولاتتى. قانچىلىك ۋاقىت شۇنداق ياتتىڭىز بىلمەيمەن ھېسسىياتىڭىزنىڭ سىزنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول قويماڭ بىز ھېسسىياتچان، ئەمما ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرۇش بىلەن ئىش باشلاڭ ئەگەر ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرمىسىڭىز ۋە كونترول قىلمىسىڭىز ئۇ سىزنى كونترول قىلىدۇ ئۇنى كونترول قىلغۇڭىز بار ئۇنداقتا دەرھال ئىش باشلاپ كونتروللۇقنى قولىڭىزغا ئېلىڭ ئۇنداق قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۆزگىرىشنى خالايسىز ئەمما ئۇنداق ئاسان ئەمەس ناۋادا شۇنچە ئاسان بولىدىغان بولسا، ھەممە ئادەم شۇنداق قىلغان بولاتتى بىراق ئەستايىدىل بولسىڭىز، ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز بۇ يەردە مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ مەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىغا يول قويمايمەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويمايمەن مەن قايتىپ كېلىمەن شۇنداقلا بىر قېتىم مەغلۇب بولغانلىقىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمەن چوقۇم مۇشۇنداق خىتاب قىلىشىڭىز كېرەك ھەم مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك .سىز ئارزۇلىرىڭىزنى قوغداۋاتىسىز، تىنچلىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز شۇنداقلا سىز ساغلاملىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز ھاياتىڭىزغا تولۇق مەسئۇل بولۇڭ ئۆزىڭىزنىڭ نەدىلىكىڭىزنى ۋە قەيەردە نېمە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ ھەربىر كۈنىڭىزنى گويا ئەڭ ئاخىرقى كۈنىڭىزنى ياشاۋاتقاندەك ياشايمەن دېگەن تۇيغۇدا تۇرۇپ قارار قىلسىڭىز بولىدۇ ھاياتىڭىزنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈڭ ئىنتىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈڭ ئۆزەمنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىمەن دېگەن قارارغا كېلىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى قىسسىسى تېخى يېزىلمىدى شۇنداقلا ئۆتمۈشىڭىزدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىمۇ مۇھىم ئەمەس سىزگە نېمە بولغىنىمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى: سىز ئۇ ئىشنى ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟ بۇ يىل مەن بۇ نىشاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن نىشانىم توغرىلىق ئەمدى جىق سۆزلىمەيمەن مەن قىلالايمەن مەن قىلالايمەن مەن قىلالايمەن مېنىڭچە ئىزچىللىق ھەممەيلەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ، ھەرگىز باش ئەگمەڭ ھەممە ئىشلارنىڭ ھامان بىر جاۋابى بولىدۇ