رىچارد سانت. جون: غەلبىنىڭ سەككىز سىرى
-
0:00 - 0:03بۇ ئەسلى مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىككى سائەت سۆزلەيدىغان نۇتۇق،
-
0:03 - 0:04بۇنى ئۈچ مىنۇتقا قىسقارتتىم.
-
0:04 - 0:07بۇ ئىش تەدكە ماڭغان بىر كۈنى ئايروپىلاندا باشلاندى،
-
0:07 - 0:08يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا.
-
0:08 - 0:09يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان
-
0:09 - 0:13ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى, بىر ئۆسمۈر بولۇپ،
-
0:13 - 0:15ئۇھەقىقەتەن بىر نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
-
0:15 - 0:18ئۇ ھاياتىدا ئۇتۇق قازىنىشنى خالايدىكەن،
-
0:18 - 0:19ئۇ مەندىن بىر ئاددي كىچىك سۇئالنى سورىدى.
-
0:19 - 0:21ئۇ دېدىكى، "نىمە غەلبىگە باشلايدۇ؟"
-
0:21 - 0:23مەن ھەقىقەتەن ئوڭايسىزھېس قىلغان ئىدىم،
-
0:23 - 0:25چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بىر ياخشى جاۋاپ بېرەلمىگەن ئىدىم.
-
0:25 - 0:28شۇڭا ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا تەدكە كەلدىم.
-
0:28 - 0:31ئويلىدىم، توۋا، مەن شۇ دەمدە غەلىبە قازانغان كىشىلەر بار ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا!
-
0:31 - 0:34ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا نېمىنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى سوراپ،
-
0:34 - 0:36نىمە ئۈچۈن بالىلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەيمەن؟
-
0:36 - 0:40مانا ئەمدى، 7 يىلدا 500 زىيارەتتىن كېيىن،
-
0:40 - 0:43مەن سىلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقەتەن غەلبىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى .
-
0:43 - 0:45ۋە تەدچىلەرگە نېمنىڭ ھەيدەكچى ئىكەنلىكىنى دەپ بەرمەكچىمەن
-
0:45 - 0:47بىرىنچى نەرسە بولسا قىزغىنلىق.
-
0:47 - 0:50فىرىمىن توماس دەيدۇكى: «مېنى قوزغىتىدىغىنى قىزغىنلىقىم.»
-
0:50 - 0:53تەدچىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىدۇ: ئۇلار پۇل ئۈچۈن قىلمايدۇ.
-
0:53 - 0:56كەرۇل كولىتتا دەيدۇكى: «مەن ئۆزۈم قىلىدىغان ئىشنى باشقا بىرسىگە پۇل بېرىپ قىلدۇرۇشقا رازى.»
-
0:56 - 0:58قىزىقارلىق يېرى شۇكى:
-
0:58 - 1:00ئەگەر سىز بىر ئىشنى مېھىر-مۇھەببەت ئۈچۈن قىلسىڭىز، پۇل ھامان ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ.
-
1:00 - 1:04ئىشلەش! روبېرىت مېردوك ماڭا دېدىكى: «ھەممىسى تىرىشىپ ئىشلەشتىن كېلىدۇ،
-
1:04 - 1:06ھېچنەرسە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. لېكىن شۇ جەرياندا نۇرغۇن خوشاللىققا ئېرىشىمەن.»
-
1:06 - 1:10ئۇ خوشاللىقىنى تىلغا ئالغاندۇ؟ روبېرت؟ ئەلۋەتتە.
-
1:10 - 1:14تەدچىلەر خىزمەتتىن ئەلۋەتتە خوشاللىنىدۇ. ئۇلار ھەم تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.
-
1:14 - 1:17مەن بايقىدىمكى، ئۇلار خىزمەت سارىڭى ئەمەس. بەلكى خىزمەت مەستانلىرىدۇر.
-
1:18 - 1:24ماھىرلىق! ئەلكىس گاردېن دەيدۇكى: «غەلبىلىك بولۇش ئۈچۈن بىر ئىشقا باشچىلاپ كىرىشىڭ
-
1:24 - 1:25ۋە شۇ ئىشقا قالتىس ماھىر بولۇڭ.»
-
1:25 - 1:28ماھىر بولۇشتا سېھىر يوق؛ ئۇ ئەمەلىيەت، ئەمەلىيەت، ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ.
-
1:28 - 1:31دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، نورمان جۇسىن ماڭا دېدىكى،
-
1:31 - 1:34«مېنىڭچە مۇۋاپپىقىيەت دىققىتىڭىزنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن قولغا كېلىدۇ. »
-
1:34 - 1:38ھەيدەكچىلىك قىلىش! دەيۋىد گالو دەيدۇكى: «ئۆزىڭىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىڭ.
-
1:38 - 1:40جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىشىڭىز كېرەك.»
-
1:40 - 1:43سىز تارتىنچاقلىق ۋە ئۆزىدىن گۇمانلىشنى يوقىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىڭىز كېرەك.
-
1:43 - 1:46گولدى ھون دەيدۇكى: «مەندە ھەمىشە ئۆزىدىن گۇمانلىنىش مەۋجۇد ئىدى.
-
1:46 - 1:48ئۆزەمنى يېتەرلىك ياخشى ئەمەس؛ يېتەرلىك ئەقىللىق ئەمەس
-
1:48 - 1:50ۋە غەلبە قازىنالمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.»
-
1:50 - 1:52ئەمدى ئۆزىڭىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەمىشە ئاسان بولمايدۇ،
-
1:52 - 1:57شۇڭا ئانىلارنى ياراتقاندە. (كۈلۈشمەك)
-
1:57 - 2:00فرانك گەري ماڭا دېدىكى،
-
2:00 - 2:01«ئانام ماڭا ھەيدەكچىلىك قىلغان.»
-
2:02 - 2:07ئەجىر قىلىڭ! شرۋېن نۇلاند دەيدۇكى، «دوختۇر بولۇپ ئەجىر سىڭدۈرۈش بىر شەرەپلىك ئىش ئىدى.»
-
2:07 - 2:10شۇ دەمدە نۇرغۇن بالىلار ماڭا مىليونېر بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى دەيدۇ.
-
2:10 - 2:11مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان تۇنجى گېپىم بولسا:
-
2:11 - 2:13«بولىدۇ، شۇغىنىسى سىز ئۆزىڭىزگە ئەجىر سىڭدۈرسىڭىز بولمايدۇ؛
-
2:13 - 2:15سىز باشقىلارغا قىممىتى بار مەلۇم ئىشتا ئەجىر سىڭدۈرۈشىڭىز كېرەك.
-
2:15 - 2:18چۈنكى مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي باي بولۇشىنىڭ يولى.
-
2:19 - 2:23ئىدىيىلەر! تەدچى بىل گەيتىس دەيدۇكى، «مەندە
-
2:23 - 2:26تۇنجى مىكرو-كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى شىركىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بىر ئىدىيە بار ئىدى.»
-
2:26 - 2:28مەن دەيمەن ئۇ خېلى بىر ياخشى ئىدىيە ئىكەن.
-
2:28 - 2:31ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقىپ بارلىققا كەلتۈرۈشتە بىر سېھىر يوق.
-
2:31 - 2:33ئۇلار پەقەت بەزى ناھايتى ئاددىي ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدۇ.
-
2:33 - 2:35مەن نۇرغۇن ئىسپاتلارنى بېرەلەيمەن.
-
2:35 - 2:37ئىزچىل بولۇڭ! جوۋ كرائۇس دەيدۇكى:
-
2:37 - 2:40«ئىزچىللىق بىزنىڭ غەلبىمىزنىڭ بىرىنجى نومۇرلۇق ئاساسىي»
-
2:40 - 2:44سىز مەغلۇپ بولغاندىمۇ ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. ناچارلىقلارغا يولۇققاندىمۇ ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك!
-
2:44 - 2:47ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلگەن ناچارلىقلار: تەنقىد، رەت قىلىنىش كۆتلەر ۋە بېسىم.
-
2:47 - 2:49(كۈلۈشمەك)
-
2:50 - 2:54شۇڭا بۇ سوئالنىڭ چوڭ جاۋابى ئاددىي:
-
2:54 - 2:574000 دوللار تۆلەپ تەدگە كېلىڭ،
-
2:57 - 3:00ياكى ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، شۇ سەككىز ئىشنى قىلىڭ- ماڭا ئىشىنىڭكى
-
3:00 - 3:04بۇلار غەلبىگە باشلايدىغان چوڭ سەككىز ئىشلار.
-
3:04 - 3:06تەدچىلەرنىڭ زىيارىتىگە رەھمەت!
- Title:
- رىچارد سانت. جون: غەلبىنىڭ سەككىز سىرى
- Speaker:
- Richard St. John
- Description:
-
كىشىلەر نېمە ئۈچۈن غەلىبە قازىنىدۇ؟ سەۋبى ئەقىللىق بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئۇلار پەقەت تەلەيلىكمۇ؟ ھېچقايسىسى ئەمەس. تەھلىلچى رىچارد سانت جون غەلىبىنىڭ ھەقىقىي سىرى توغرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق زىيارىتىنى كۆرمىسى بولمايدىغان ئۈچ مىنۇتلۇق نۇتۇققا مۇجەسسەملىدى.
- Video Language:
- English
- Team:
- closed TED
- Project:
- TEDTalks
- Duration:
- 03:13
Dimitra Papageorgiou approved Uyghur subtitles for 8 secrets of success | ||
Kasim Abdurehim accepted Uyghur subtitles for 8 secrets of success | ||
Kasim Abdurehim edited Uyghur subtitles for 8 secrets of success | ||
Kasim Abdurehim edited Uyghur subtitles for 8 secrets of success | ||
Kasim Abdurehim edited Uyghur subtitles for 8 secrets of success | ||
Koktekin Uyghur added a translation |